دۇنيا ئانا تىل كۈنىگە سوغاتلىق تەپەككۇر ئۈنچىلىرىم
بىرخىل تىل بىر مەدەنىيەتنىڭ رۇجىكى،بىر خىل تىل بىرخىل تەپەككۇر ئەندىزىسى ۋە شەكلى .بۇ مەنىدىن قارىغاندا بىرخىل تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيىتىنى ئارتۇق بىلگەنلەك،بىر خىل ئۈگۈنىش ۋە تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ھەم ئىقتىدارىنى ئارتۇق ئىگەللىگەنلىك دىمەكتۇر.ئوخشىمىغان تىل كىشىلەرگە ئوخشىمىغان تەپەككۇر، ئىجادىيەت بوشلۇقى ۋە چەكسىز تەپەككۇر-يىڭىلىق يارىتىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا قوش تىللىق ئوقۇتۇش ماھىيەتتە بىر مىللەتنىڭ ئۆزىنى باشقا بىرمەيدان ياكى باشقىچە بىر كۈزىتىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ ئۆزىنى كۈزىتىش ۋە بايقاش جەريانىدىن ئىبارەت.
تىلنىڭ ئۇلۇغلىقى ئۇنى تىرەپ تۇرغان مەدەنىيەتنىڭ يۈكسەكلىدە.مەدىنىيەت گوياكى بىر مىللەت مەۋجۇتلىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ پاراۋۇزى ھەم ھەركەتلەندۈرگۈچ ماتۇرى، ئۇنىڭ يادروسى ۋە جېنى ئىدىيە-تونۇش ۋە ئەمىلىيەتچىل روھ ھەم ھەركەتتىن ئىبارەت. |